باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر يېرىم يىل ئىچىدە سىياسىي يارىشىش مۇساپىسىنى قايتىدىن باشلىيالامدۇ (1)

2013.08.01 13:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر ئارمىيىسى خەلق سايلىغان زۇڭتۇڭ مۇرسىنى تەختتىن چۈشۈرگەندىن كېيىن، ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ مەنسۇر دەرھال ئۆتكۈنچى دەۋىردىكى يول خەرىتىسى پىلانىنى ئېلان قىلدى، ئەڭ بالدۇر بولغاندىمۇ 6 ئايدىن كېيىن پارلامېنت سايلىمى ۋە زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. نۆۋەتتىكى قالايمىقانچىلىقتا، مىسىر يېرىم يىل ئىچىدە سىياسىي يارىشىش مۇساپىسىنى قايتىدىن باشلىيالامدۇ؟ بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تاقىلىدۇ.

  بىرىنچى: يول خەرىتىسى پىلانى دەل ۋاقتىدا ئىجرا قىلىنامدۇ؟ ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، كەلگۈسىدىن بەك ئۈمىدلىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ. ۋاقىتلىق زۇڭلى نامزاتى كۆپ قېتىم كېڭىشىش ئارقىلىق سابىق مۇئاۋىن زۇڭلى بىبلاۋى زۇڭلى قىلىپ بېكىتىلدى، بۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىچىدىكى «مەملىكەتلىك قۇتقۇزۇش فرونتى» ۋە نۇر پارتىيەسىنىڭ مۇرەسسەلىشىشىنىڭ نەتىجىسى. ئارمىيەنىڭ كۆڭلىدىكى نامزات، ئۆكتىچىلەرنىڭ رەئىسى بارادى ۋاقىتلىق زۇڭلى بولالمىدى. بىبلاۋى يېڭىدىن تەشكىلىنىدىغان يېڭى ھۆكۈمەتكە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىرىنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق، نۇر پارتىيەسى ئىلگىرى يېڭى ھۆكۈمەتكە قاتناشمايدىغانلىقىنى، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىمۇ ئەزالىرىنىڭ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتكە قاتنىشىشىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. يول خەرىتىسى پىلانىغا ئاساسەن، كېيىن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كومىتېتى قۇرۇلىدۇ، پارلامېنت سايلىمى ۋە زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مىسىردىكى ھەرقايسى گورۇھلىرىنىڭ ھەمكارلىشىش پوزىتسىيىسى بىلەن ئالغا قاراپ مېڭىش ماڭماسلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس.

  ئىككىنچى:ئارمىيە پارتىيەنىڭ مەنپەئەتىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلالامدۇ يوق؟ مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى كوچىلاردا داۋاملىق تىركىشىۋاتىدۇ. ئارمىيەنىڭ يول خەرىتىسى پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمۇ سىناققا دۇچ كەلدى، يېقىندىن بۇيان ئارمىيە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى ۋە قوللىغۇچىلىرىغا قاتتىق تەدبىر قوللاندى. ئەگەر ئارمىيە داۋاملىق بىر گۇرۇھنى ئۆزىگە تارتىپ يەنە بىر گورۇھقا زەربە بەرسە، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك تىركىشىش پەيدا قىلىپ، ئوخشاش دىندىكى كۈچلەرنىڭ زىددىيىتى كۈچىيىپ كېتىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل