خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى 29-ئىيۇل قىسىمنىڭ خومس شەھىرىنىڭ مۇھىم شەھەر رايونى خارى دىياز رايونىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى. خارى دىياز رايونى سۈرىيە ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلىرى باشتا ئېگىلىۋالغان خومس شەھىرىنىڭ ئاز ساندىكى بىر نەچچە رايونىنىڭ بىرى. سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بۇ غەلبىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى، خومس كونا شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايونلاردىكى كۈرەشنىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تەرەپكە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.