باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بازا تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەپ بىر مۇنچە دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرىنى ۋاقتىنچە تاقىدى
ئەنگىلىيە ۋە گىرمانىيەمۇ يەمەندە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى ئىككى كۈن تاقىدى

2013.08.05 12:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا 2-ئاۋغۇست يەرشارى ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىپ، «بازا» تەشكىلاتى ۋە تارماقلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق جايلاردا تېرورلۇق ھۇجۇمى قوزغاشنى پىلانلاۋاتقانلىقى، بۇ جايلارغا بارىدىغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئېھتىياتچانلىقنى كۈچەيتىشىنى ئۇقتۇرغان. يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تېرورلۇق ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئامېرىكا 4-ئاۋغۇست يەنە 17 دۆلەتتىكى 22 ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىنى ۋاقتىنچە تاقايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيەمۇ يەمەندە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى ۋاقتىنچە تاقايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان