- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
روھانى: ئىسرائىلىيە ئىسلام دىنىنىڭ زەھەرلىك ئۆسمىسى
2013.08.05 08:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىراننىڭ پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان روھانى 2-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشدا، ئىسرائىلىيەدىن ئىبارەت بۇ يەھۇدىي دۆلىتى ئىسلام دۇنياسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان زەھەرلىك ئۆسمە، شۇڭا ئۇنى يوقىتىش كېرەك دېدى. رۇسىيەدە چىقىدىغان گېزىتنىڭ ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان ئېرۇسالىم پوچتا گېزىتىنىڭ 2-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېيتانىياخۇ، روھانى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى بالدۇر ئاشكارىلاپ قويدى دېگەن.
روھانى 3-ئاۋغۇست ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى ھۈمەينى چوڭ سايلامنىڭ نەتىجىسىنى بېكىتكەندىن كېيىن رەسمىي پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ، 4-ئاۋغۇست رەسمىي ۋەزىپىگە ئۆلتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇراسىمغا 52 دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارى تەكلىپ قىلىندى، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە تەكلىپ قىلىنمىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل