باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى

2013.08.05 08:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتئەل تارتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئاقساراي ئەمەلدارى، بازا تەشكىلاتىنىڭ قوزغاش ئېھتىماللىقى بولغان ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 3-ئاۋغۇست دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىك تارمىقىنىڭ مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

  ئاق ساراينىڭ بىر ئەمەلدار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئوباما بازا تەشكىلاتى ئەرەب يېرىم ئارال شۆبىسى قاتارلىق تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ 8-ئايدا ھۇجۇم قوزغاش ئېھتىماللىقى بارلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئىگىلىدى.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 4-ئاۋغۇست ئەرەب ئەللىرىگە تەۋە خىزمەت كۈنىدە، ئامېرىكىنىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق 22 ئەلچىخانىسىنى تاقايدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ يەمەن، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىئوردانىيە، ئىراق، ئافغانىستان، لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل