باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئامېرىكىلىق ئەر 6 كۈندىن ئارتۇق سۇ ئاستىغا چۆكۈپ، تاتلىق سۇغا چۆكۈش دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى

2013.08.05 13:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 5-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتتىگەنلىك گېزىتى» 4-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىلىق ئەر جېررىي خال سۇ ئاستىدا نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى يۈدۈپ، 145 سائەت 31 مىنۇت 22 سېكونتقىچە سۇ ئاستىغا چۆكۈپ تۇرۇپ، تاتلىق سۇغا ئەڭ ئۇزاق چۆكۈشنىڭ دۇنيا رېكورتىنى يەنە بىر قېتىم بۇزدى. بۇ ئۇنىڭ 2002-يىلى ۋە 2004-يىلىدىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم دۇنيا رېكورتى يارىتىشى ھېسابلىنىدۇ.

  48 ياشلىق خال ئامېرىكا تېننېسسى شىتاتىنىڭ جەنۇبىي خورستون كۆلىدە ئالتە كۈندىن ئارتۇق چۆكۈپ تۇرۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ 2-كۈنى سۇ يۈزىگە چىقتى. ئۇنىڭ 2004-يىلى ياراتقان رېكورتى 120سائەت 1 مىنۇت 25 سېكونت ئىدى.

  خال رېكورتنى بۇزغاندىن كېيىن تەبرىكلەش چېيى ئۆتكۈزۈپ، تاشيول ئۆسمۈرلەر ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى ئۈچۈن ئىئانە توپلايدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى