2013– يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ياش – ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 3 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى. شىمالىي شىنجاڭ، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭ گۇرۇپپىسىدىن تاللاپ چىقىلغان 12 چېمپىيون كوماندا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئاخىرقى چېمپىيونلۇقنى تالىشىدۇ.
سۈرەتتە: غۇلجا شەھىرى پەنجىم يېزا مەركىزىي مەكتەپ كوماندىسى بىلەن تۇرپان شەھىرى يار يېزىسى مەركىزىي مەكتەپ كوماندىسى مۇسابىقىدە. («شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى فوتوسى)