باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا تېررورلۇق ھۇجۇمى تەھدىتى ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى

2013.08.05 08:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تۈنۈگۈن پۈتۈن دۇنيادىكى ساياھەتچىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن ھوشيار بولۇشىنى ئۇقتۇردى.

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىپ مۇنداق دېدى: تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش تەھدىتى ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونلىرىدا كۆپرەك ساقلانماقتا.

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى: نۆۋەتتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، بازا تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى ھازىردىن باشلاپ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بۇ رايون ۋە باشقا رايونلاردا داۋاملىق تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.

  ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى: ھۇجۇم ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى ۋە باشقا ساياھەت ئەسلىھەلىرىدە يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئامېرىكا دائىرىلىرى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بۇ تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە يېقىندىن كېڭەشمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل