باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق سارىيىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 86 يىللىقىنى تەبرىكلەش زىياپىتى ئۆتكۈزۈلدى(2)

2013.08.01 13:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاڭ ۋەنچۈەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ئىستىرادىگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. رەئىس شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، غەلبىلىك جەڭ قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىشنى ئوتتۇرغا قويدى. بىز پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا ھەر ۋاقىت بويسۇنۇشتىن ئىبارەت بۇ قۇدرەتلىك ئارمىيە روھىنى ئېسىمىزدە مەھكەم ساقلاپ، پارتىيە ئارمىيەگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىش تۈپ پىرىنسىپى ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تۈپ مەقسىتىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن فاڭجېن سىياسەتلىرىنى تەۋرەنمەي ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، بارلىق ھەرىكەتلەردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشمىز كېرەك. ئۇرۇش قىلالايدىغان، غەلبىلىك ئۇرۇش قىلالايدىغان قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەڭگىۋارلىق كۈچىنى تۈپ ئۆلچەم قىلىش ئاساسىدا قۇرۇلۇش قىلىپ ۋە تەييارلىق قىلىپ، قىسىملارنىڭ چاقىرغان ھامان تەييار بولۇش، تەييار بولغان ھامان جەڭ قىلالايدىغان، غەلبىلىك جەڭ قىلالايدىغان بولۇش كېرەك. قانۇن بويىچە ئارمىيە باشقۇرۇش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئارمىيەنى كۈچەيتىش ئاساسىنى پۇختىلاپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشىيەن تەلىم تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىسىملارنىڭ مۇنتىزىملىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى باشتىن ئاخىر ساقلاش كېرەك.

  چاڭ ۋەنچۈەن مۇنداق دېدى: خەلققە تايىنىپ ئارمىيە قۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش بىزنىڭ ئىلغار ئەنئەنىمىز. باي دۆلەت ۋە قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇشنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە ئارمىيە، خەلق يۇغۇرۇلۇش شەكلىدىكى تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى ۋە زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق مۇقىملىقىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل