سۈرەتتە: قۇم بوران يېتىپ كەلگەن مەنزىرە
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن 4تىن 43 مىنۇتلار ئۆتكەندە، ئاسماننى قاپلاپ غەربتىن شەرققە سۈرۈلۈۋاتقان قۇم بوران گەنسۇنىڭ جاڭيې رايونىغا بېسىپ كەلدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە شەھەر رايونى قاراڭغۇلۇققا چۆمدى، نۇرغۇن دەرەخ شاخلىرى سۇنۇپ كەتتى. ئارقىدىنلا چاقماق چېقىپ سىم-سىم يامغۇر يېغىپ، يېرىم سائەتتىن كېيىن توختىدى.