خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31-ئىيۇل ئەتىگەن سائەت 7دىن 40 مىنۇتچە ئۆتكەندە، نەنخۇ يېڭى كەنتى 63-بىنا ئەتراپىدىكى بىر دېھقان 63-بىنا 6-قەۋىتىدە بىر ئەرنىڭ ئېسىلىپ تۇرغانلىقىنى بايقىغان. بىنادا بىر ئايال ئۇ ئەرنىڭ پۇتىنى تۇتۇۋالغاچقا ئۇ ئەر چۈشۈپ كەتمىگەن. ئېگىلىنىشىچە ھېلىقى ئايال ئۇ ئەرنىڭ خوتۇنى بولۇپ، ئېرى بىنادىن سەكرىمەكچى بولغاندا، خوتۇنى ئۇنىڭ ئوڭ پۇتىنى تۇتۇۋالغاچقا بۇ ئەر چۈشۈپ كەتمىگەن.