باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كۇبا ھۆكۈمىتى پانامادا تۇتۇپ قېلىنغان قوراللار كۇبانىڭ قوراللىرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى(3)

2013.07.19 08:22        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ ۋاقتى 17-ئىيۇل چۈشتىن كېيىنگىچە، چاۋشيەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ ئىشقا ئىنكاس بىلدۈرمىدى.

  فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ چاۋشيەن دائىرىلىرى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە: چاۋشيەن ھازىر پانامادا تۇتۇپ قېلىنغان كۇبادىن كەلگەن قوراللار قانۇنلۇق سودىنىڭ بىر قىسمى دېگەن.

  پاناما 15-ئىيۇل چاۋشيەننىڭ بىر پاراخوتىنى تۇتۇپ قالغان. پاناما پىرېزىدېنتى مادىنېرى مۇنداق دېدى: كۇبادىن كەلگەن بۇ پاراخوت پاناما قانىلى ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ماتېرىياللىرىنى قانۇنسىز يۆتكەشكە ئۇرۇنغان. چاۋشيەننىڭ خادىملىرى شېكەر قاچىلانغان يۈك ساندۇقلىرى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ماتېرىياللىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان. يەنە بىر جەھەتتىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پانامانىڭ چاۋشيەننىڭ يۈك پاراخوتىنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  كۇبا 16-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: چاۋشيەننىڭ پاراخوتىدا بايقالغان قوراللارنىڭ ھەممىسى كۇباغا تەۋە، بۇنىڭغا قاچىلانغان قوراللارنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن، ئاپىرىپ رىمونت قىلدۇرۇلغاندىن كېيىن، قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ.

  فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 17-ئىيۇل كۇبا بىلەن پانامادا تۇتۇپ قېلىنغان چاۋشيەن پاراخوتى مەسىلىسى ھەققىدە تېزدىن مۇزاكىرىلىشىمىز دېگەن.

  خەۋەر قىلىنىشىچە: ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى 17-ئىيۇل مۇخبىرغا، ئامېرىكا بۇ خەۋەرنى كۇباغا ئۇقتۇردى، بىز چاۋشيەن پاراخوتى مەسىلىسى ھەققىدە تېزدىن كۇبا بىلەن سۆھبەتلىشىمىز دېگەن.

  بىراق ئامېرىكىنىڭ باياناتچىسىمۇ مۇنداق دېدى: بۇ مەسىلىگە ئەسلى ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلۈش بېكىتىلگەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشتىن بۇرۇن قاراپ چىقىلمايدۇ.

  كۇبا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 16-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەن پاراخوتىنىڭ كۇبادىكى بىر پورتتا توختاپ، ئون مىڭ توننا شېكەر بىلەن 240 توننا ۋاقتى ئۆتكەن مۇداپىئە خاراكتېرلىك قورال قاچىلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

  پانامانىڭ بىخەتەرلىك مىنىستىرى مورىنىئو 16-ئىيۇل مۇنداق دېدى: پانامانىڭ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشىگە بىر ھەپتە ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. بىراق ئۇ سۆزىدە بۇ قوراللارنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا باغلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتمىدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل