باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كۇبا ھۆكۈمىتى پانامادا تۇتۇپ قېلىنغان قوراللار كۇبانىڭ قوراللىرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى(2)

2013.07.19 08:22        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پانامانىڭ ئاممىۋىي بىخەتەرلىك مىنىستىرى مورىنىئو مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ چاۋشيەننىڭ پاراخوتى ۋە ئۇنىڭغا بېسىلغان قوراللارنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇنى تەكشۈرۈشكە مۇتەخەسسىس ئەۋەتىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ۋەقەگە چېتىلغان پاراخوتتا تەخمىنەن 35 پاراخوت خادىمى بار. تەكشۈرۈش جەريانىدا كاپىتان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنغان، پاراخوت خادىملىرى جېدەل چىقارغان. كاپىتان ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ، ئەھۋالى مۇقىم. پاراخوتتىكى باشقا خادىملار قولغا ئېلىنىپ، پاناما قانىلىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان تەرىپىگە جايلاشقان شېرمان قەلئەسىدە سوراق قىلىنىۋاتىدۇ.

  مورىنىئو پاناما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن مەسلىھەت سوراپ، پاراخوت خادىملىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بېكىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  فرانسىيە ئاگېنتلىقى 16-ئىيۇل ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى پاترېك ۋېنتلېيرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئەگەر پاناما ياردەم تەلەپ قىلسا، بىز ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمىز دەپ خەۋەر بەردى.

  چاۋشيەن مۇنداق دېدى: يادروسىزلاشتۇرۇش چاۋشيەننىڭ ئىزچىل مەيدانى، بىراق ئامېرىكا چاۋشيەن تەھدىتى ۋە ھەيۋىسىنى بىكار قىلىشتىن ئىلگىرى، چاۋشيەن ئىزچىل يادرو قورالنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ۋاز كەچمەيدۇ. 2009-يىلى ئىككىنچى قېتىملىق يەر ئاستى يادرو سىنىقى قىلغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار ماقۇللاپ، چاۋشيەنگە بولغان جازانى كۈچەيتىپ، چاۋشيەننىڭ قورال ئېكىسپورت قىلىشىنى ئالاھىدە چەكلىگەن ئىدى. قاراردا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زۆرۈر بولغاندا چاۋشيەن پاراخوتىنى تەكشۈرسە بولىدىغانلىقىغا ھوقۇق بېرىلگەن. بۇ يىل فېۋرالدا، چاۋشيەن 3-قېتىملىق يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرىغان.

  ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى روسمالى دىكارو مۇنداق دېدى: چاۋشيەنگە ياكى چاۋشيەندىن قورال ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى توشۇش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارىغا خىلاپ.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل