باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا تۆمۈر يولدا توشۇلغان يولۇچىلار سانى 1 مىليارد 11 مىليون 650 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى

2013.07.19 08:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتى 18-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تۆمۈر يول تارماقلىرى يولۇچى، مال توشۇش تىجارىتىنى پائال قانات يايدۇرغان.

  يولۇچىلارنى توشۇش جەھەتتە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا پۈتۈن مەملىكەتتە جەمئىي توشۇلغان يولۇچىلار سانى 1 مىليارد 11 مىليون 650 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.9 ئاشقان.

  جۇڭگو تۆمۈر يول باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، تۆمۈر يول ئىدارىسى چاغانلىق ترانسىپورت ۋە يېڭى يىل، قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمى، 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى قاتارلىق قىسقا مەزگىللىك دەم ئېلىش پۇرسەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، يېتەرلىك توشۇش كۈچى كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يولۇچىلارنى توشۇش تۈرلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولنى چۆرىدىگەن ھالدا تورسىمان يۈرۈشتۈرۈش ئالاھىدىلىكىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى، تېز سۈرئەتلىك ۋە نورمال سۈرئەتلىك پويىز ئۆزئارا باغلاشقان ساياھەت مەخسۇس تۈرىنى ئېچىپ، ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ ماركا سۈپىتىنى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى.

  ئالدىنقى ئالتە ئايدا، ھەرقايسى لىنىيەدىكى تېز سۈرئەتلىك پويىز ۋە يولۇچىلارنى توشۇشتىكى مەخسۇس لىنىيەنىڭ يولۇچىلار مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر قەدەر كۆپ ئاشتى، پۈتۈن يولدا كۈنىگە 1947 قېتىم چاقماق پويىز قاتنىدى، يولۇچى توشۇش مىقدارى 1 مىليون 672 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، 1-مايدا 2 مىليون 763 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلۇپ، چاقماق پويىزنىڭ كۈندىلىك يولۇچى توشۇش يېڭى رىكورتى يارىتىلدى.

  يۈك توشۇش جەھەتتە، ماكرو ئىقتىساد ۋەزىيىتىنىڭ تەسىرىدە، پۈتۈن يولنىڭ يۈك مەنبەسى قىس بولدى. بۇنىڭغا نىسبەتەن، تۆمۈر يول تارماقلىرى بىر تەرەپتىن كۈنلۈك ترانسىپورتقا تەشكىللەشنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن يۈك توشۇش بازىرى تەكشۈرۈشىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يۈك توشۇش مىقدارىنى كۆپەيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە