باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇبەي ئورۇقلاشنى تەۋسىيە قىلىدۇ : بىر كېلو ئورۇقلىغانلارغا بىر گرام ئالتۇن سوۋغا قىلىنىدۇ

2013.07.19 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئاممىسنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان دۇبەيدە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر تەدبىر قوللاندى: 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ، بىر ئاي داۋاملىشىدىغان ئورۇقلاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پۇقراسى بولغانلا ئادەم، ھەر بىر كىلوگرام ئورۇقلىسا بىر گرام ئالتۇن مۇكاپات بېرىلىدىكەن.

  بۇ مۇسابىقە 19-ئىيۇل باشلىنىپ، 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاياقلىشىدىكەن. بۇ مەزگىلدە بىر كېلوگرام ئورۇقلىغانلارنىڭ ھەر بىرى بىر گرامدىن ئالتۇن مۇكاپات ئالالايدىكەن؛ كەم دېگەندە ئىككى كېلو ئورۇقلىغانلار ئاندىن بۇ مۇكاپاتنى ئالالايدىكەن؛ قانچە كۆپ ئورۇقلىسا، ئالىدىغان مۇكاپاتىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدىكەن، يۇقىرى چېكى يوقكەن. ئورۇقلاش مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى ئۈچىنچىگىچە بولغانلارنىڭ ھەربىرى يەنە قىممىتى 3.34 تۈمەن يۈەن خەلق پۇلىغا توغرا كېلىدىغان تىللا بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار