- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىي پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى تەربىيلەش تۇنجى قارارلىق يىغىنى ئېچىلدى
2013.07.19 16:33 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىي پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى تۇنجى قارارلىق تەربىيەلەش يىغىنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايون پارتىكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەربىيەلەش ئەمەلىي پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەن يوڭ يىغىنغا قاتنىشىپ، سۆز قىلدى.
پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىي پائالىيىتىگە بولغان ھەيدەكچىلىك ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تۇنجى قارار پائالىيەتنى قانات يايدۇرغان تارماق ۋە ئورۇنلارغا ئاپتونوم رايونلۇق تەربىيەلەش ئەمەلىي پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپىىسى 17 يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشنى قارار قىلدى.
ئىدىيۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، خىزمەت ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى راۋان ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تەربىيەلەش ئەمەلىي پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپىسى بۇ قېتىمقى يىغىننى ئاچتى، ھەمدە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپىسىنىڭ ئەزالىرىنى كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلىدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار