باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى» چىقىمى 7 مىليارد 425 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتتىكىدىن 559 مىليون يۈەن ئاز بولدى، مەركەزدىكى ئورۇنلارنىڭ 90 پىرسەنتتىن ئارتۇقراقى پۇلنى ئاز خەجلەيدىغان بولدى

2013.07.19 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-ئاينىڭ 18-كۈنى، مەركەزدىكى ئورۇنلارنىڭ 2012-يىللىق نەقچوتى ۋە «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى» نەقچوتى مەركەزلىك ھالدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىندى. بۇ يىل مەركەزدىكى ئورۇنلار نەقچوتنى ئاشكارىلىغان ئۈچىنچى يىل. ئۆتكەن يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، ئاشكارىلانغان مەزمۇندا قانداق ئۆزگىرىش بار؟ «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى»نىڭ چىقىم ئەھۋالى قانداق؟ ھېساباتتا قانداق يېڭى يارقىن نۇقتىلار بار؟

  مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بەي جىڭمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەركەزدىكى ئورۇنلارنىڭ نەقچوتى تېخىمۇ ئەتراپلىق، ئېنىق ۋە چۈشىنىشلىك ئېلان قىلىندى. ئورۇن نەقچوتى، «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى» ۋە مەمۇرىي خىراجەت قاتارلىقلار مەزمۇنلار نەقچوت دوكلاتى ۋە يازما ئىزاھاتتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ ئېلان قىلىندى. ئەمەلىيەتتە، ئورۇن نەقچوتى «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى» ۋە مەمۇرىي خىراجەت چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن سانلىق مەلۇماتى ھەرقايسى تۈرلەرگە قوشۇۋېتىلگەن بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ تەلىپى بويىچە، ئاممىغا تېخىمۇ ئېنىق ۋە بىۋاسىتە چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن، ھەرقايسى ئورۇنلار بۇ ئىككى تۈرلۈك چىقىمنى ئايرىم خۇلاسىلەپ جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى.بۇ يىل ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند كىرىمى ۋە قالدۇقنى يۆتكەش ئەھۋالىمۇ ئېلان قىلىنىپ، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند خامچوتىغا مالىيەدىن ئاجرىتىلغان كىرىم-چىقىم ئەھۋالى تېخىمۇ ئەتراپلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلدى؛ تەپسىلىيلەشتۈرۈپ ئېلان قىلىنغان تۈرلەر چىقىمى بۇلتۇرقى مائارىپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئېتىز-ئورمان سۇچىلىق ئىشلىرى، تۇرالغۇ كاپالىتى قاتارلىق بەش تۈر ئاساسىدا يەتتىگە كۆپەيتىلىپ، پەن-تېخنىكا-مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە تاراتقۇدىن ئىبارەت ئىككى تۈر قوشۇلدى.

  بەي جىڭمىڭ مۇنداق دېدى: «ئېلان قىلىنغان مەزمۇن تەپسىلىيلەشتۈرۈلۈپلا قالماي، بىر قىسىم چىقىم تۈرلىرىگە تېخىمۇ تەپسىلىي ۋە ئەتراپلىق ئىزاھاتمۇ بېرىلدى. مەركەزدىكى ئورۇنلار <ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى> چىقىمىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەقچوت ئومۇمىي سوممىسى ۋە تۈرلەر سوممىسىنى يىل بېشىدىكى خامچوتقا سېلىشتۇرۇپ، كۆپىيىش-كېمىيىش سەۋەبىنى چۈشەندۈردى، ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەت ئەلگە چىقىش ئۆمەكلىرىنىڭ سانى ۋە ئۆمەكتىكى ئادەم سانى، سېتىۋېلىنغان ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سانى ۋە بار ئاپتوموبىل سانى، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارغىمۇ ئىزاھات بەردى، بۇنىڭ بىلەن ئامما مەركەزدىكى ئورۇنلارنىڭ كونكرېت چىقىمى ۋە ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.» (لى لىخۈي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە