16-ئىيۇل كېچىدە چىڭداۋ ئوتتۇرا قوۋۇقى ئالدىدىكى ئاساسىي سۇ تۇرۇبا يولى يېرىلىپ كېتىپ، نەنجىڭ يولى، لياۋيۈەن يولىنىڭ 1000مېتىردىن ئارتۇق يول بۆلىكىنى سۇ بېسىپ كەتتى. ئىشتىن كېيىن سۇ بىلەن تەمىنلەش شىركىتى كېچىلەپ رېمونت قىلىپ، 17-ئىيۇل چۈشتە يېرىلغان تۇرۇبا يولىنى ئاران ئوڭشاپ بولدى. سۇ بىلەن تەمىنلەش شىركىتى خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى ھادىسنى تۇرۇبا يولىنىڭ كونىرىشى ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ بېسىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، تەخمىنەن 500 توننا سۇ زىيان بولغان.