باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

داڭلىق چاقچاقچى ھېسام قۇربان ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى چاقچاق ۋارىسى››دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى (1)

2013.07.19 13:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18–ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ، غۇلجا شەھەرلىك مەدەنىيەت ، تەنتەربىيە ، رادىيو– تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەدىردىن ئەلى قاتارلىقلار بۇ يىل 85 ياشقا كىرگەن، ئەلگە تونۇلغان خەلق سەنئەتكارى، داڭلىق چاقچاقچى ھېسام قۇرباننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭغا مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن «دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى چاقچاق ۋارىسى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى يەتكۈزۈپ بەردى.

  خەلقىمىز تەرىپىدىن «زامانىمىزدىكى ھايات نەسىردىن ئەپەندى»، «ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ پېشۋاسى»دېگەندەك پەخىرلىك ناملار بىلەن تەرىپلىنىدىغان داڭلىق چاقچاقچى ھېسام قۇربان كىچىكىدىن تارتىپلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ بىر تۈرى بولغان چاقچاققا كۈچلۈك مۇھەببەت باغلىغان. ئۇ تونۇلغان چاقچاقچىغا ئايلانغاندىن كېيىن ، تۈرلۈك مەشرەپ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە چوڭ–كىچىك سەنئەت كېچىلىكلىرىدە ئۆزىنىڭ يۇمۇرىستىك تۇيغۇ ۋە ئىچكى مەناغا باي، ئىلمىي يۇمۇر – چاقچاقلىرى بىلەن خەلقىمىزگە زور مەنىۋى ئوزۇق بېرىپ كەلگەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە