باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سنوۋدېن روسىيە نوپوسىغا ئۆتۈشنى ئىلتىماس قىلدى

2013.07.19 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە فېدراتسىيىسى كۆچمەنلەر ئىدارىسى 16-ئىيۇل كەچتە «پرىزما ئىشىك» ۋەقەسىنىڭ سىرىنى ئاچقۇچى سنوۋدېن تاپشۇرغان ۋاقىتلىق پاناھلىنىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئاللىقاچان سنوۋدېننىڭ بارماق ئىزىنى ئېلىش، سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشكە تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى. تەرتىپكە ئاساسەن كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئىلتىماسقا قاراپ چىقىشىغا 3 ئايچە ۋاقىت كېتىدىكەن، زۆرۈر بولغاندا يەنە 3ئاي ئۇزارتسا بولىدىكەن، مۇشۇ بويىچە بولغاندا ئۇ روسىيە تەۋەسىدە 6 ئايچە تۇرالايدىكەن. كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئىلتىماسقا قاراپ چىقىش مەزگىلىدە، ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆز سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارغا ئېرىشەلەيدىكەن، ھەم شۇنىڭغا ئاساسەن روسىيە تەۋەسىدە ئخىتىيارىي يۈرۈلەيدىكەن. سنوۋدېن 1يىللىق ۋاقىتلىق پاناھلىنىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەندىن كېيىن، يەنە پۇل ۋە تۇرالغۇ قاتارلىق ياردەملەرگە ئېرىشەلەيدىكەن.

  روسىيە فېدراتسىيىسى جەمئىيەتشۇناسلىق ئاكادىمىيىسىنىڭ ئەزاسى، ئادۋوكات ئاناتولى.كۇچلېنا سنوۋدېننىڭ ھېلىھەم شېرمېتىيېۋ ئايروپورتىنىڭ كاپسۇل مېھمانخانىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى ھەمدە سنوۋدېننىڭ روسىيە نوپۇسىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئاشكارلىدى. ئۇ سىنوۋدېننىڭ «ئامېرىكىغا ئەمدى زىيان يەتكۈزمەيدىغان» لىقى ھەققىدە كاپالەتنامە يازمىغانلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭ ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: پۇتىن: سىنوۋدىن روسىيەدە قالسا بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭ شەرتى ئامېرىكىغا زىيان سېلىشنى توختىتىشى لازىم

سىنوۋدىن 21 دۆلەتتىن پاناھلىق تىلەپمۇ پاناھلىققا ئېرىشەلمىدى

روسىيە تاراتقۇلىرى: سىنوۋدېن روسىيەگە سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى سۇندى

ئوباما: سنوۋدېننى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللاپ يۈرمەيمەن، دېدى

پۇتىن سىنوۋدىننىڭ ھازىرمۇ موسكىۋا ئايرودۇرۇمىدا ئېكەنلىكىنى ئېيتتى

ئامېرىكا شياڭگاڭنىڭ سىنودىڭنىڭ چېگرىدىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەندى

سىنوۋدىن روسىيەگە ۋاقىتلىق پاناھلىق ئىلتىماسىنى رەسمىي تاپشۇردى

سىنوۋدىن: مېنى قىستىماڭلار

سىنودىن تاسادىپىيلىق يۈز بەرسە يەنە بىر پىلاننى باشلايمەن دېدى


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار