باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

توردا ئىغۋا تارقاتقانلارنى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تاللىشى(1)

2013.07.18 09:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى ئاخبارات تارقىتىش سۇپىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئىغۋا تارقىتىش، تۆھمەت چاپلاش، نام ھوقۇقىغا دەخلى–تەرۇز يەتكۈزۈش قاتارلىق تور قىلمىشلىرى دۇنيادا ئورتاق مەسىلىگە ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئىدارە قىلىش قاتلىمى جەھەتتە، مەيلى سۆز ئەركىنلىكىنى پەش قىلىدىغان ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە بولسۇن ياكى ھۆكۈمەت باش بولۇپ نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان گېرمانىيە، سىنگاپور، ئاۋسترالىيە بولسۇن ۋە ياكى ھۆكۈمەت ھەم جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى تەڭ ئېلىپ ماڭىدىغان فىرانسىيە، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولسۇن، جازالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇنلاشقان ۋە تۈزۈملەشكەن، تېخنىكا ئارقىلىق كۆزىتىدىغان، جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، قاتتىق زەربە بېرىدىغان، توردا ئىغۋا تارقىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىغان دۇنياۋى مۇھىتنى شەكىللەندۈردى.

  دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت توردا ئىغۋا تارقىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار قانۇن – تۈزۈملەرنى تۈزدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى

  گېرمانىيە دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ تور قانۇنىنى ئېلان قىلغان دۆلەت گېرمانىيە توردا قانۇنسىز مەزمۇنلارنى تارقىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 1997–يىلى «ئۇچۇر ۋە خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى قانۇنى»نى تۈزگەن 21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، گېرمانىيە ئون نەچچە تۈرلۈك قانۇن مەزمۇنىغا ئىگە تور باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىغۋا تارقىتىشنى تۈزەشتە «جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى»، «ئۇچۇر ئەركىنلىكى قانۇنى»، «تېلېگراف مۇلازىمىتى قانۇنى»قاتارلىق بىر نەچچە قانۇننى تەتبىقلىغان. «جىنايى ئىشلار كودېكسى»غا ئاساسەن، گېرمانىيەدە كىشىلەر ئارىسىدا ئىغۋا تارقىتىپ جەمئىيەتتە ئەنسىزلىك پەيدا قىلغانلار، جامائەت تەرتىپىگە زىيان سالغانلارغا كۆپ بولغاندا ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ياكى ئىشتىراپ قويۇلىدۇ. ئۆلۈم ۋەقەسى پەيدا قىلغان بولسا، قانۇنسىزلىق قىلغانلارغا كۆپ بولغاندا بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

  ئامېرىكا ھازىرغىچە «تېلېگراف قانۇنى»، «رەقەملىك مىڭ يىل رەقەم نەشر ھوقۇقى قانۇنى»، «خەۋەرلىشىش ئورۇنلۇق ھەرىكەت قانۇنى»، «بالىلار تور قوغداش قانۇنى»، «فېدىراتسىيە كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى چەكلەش قانۇنى»قاتارلىق 130 تۈرلۈك توردا تارقىتىلىدىغان مەزمۇنغا چەك قويىدىغان قانۇن، نىزام، تۈزۈملەرنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكىدا توردا ئىغۋا تارقىتىپ دۆلەت تۈپ مەنپەئىتىگە زىيان سالغان، جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتۈش، ئازدۇرۇش، باشقىلارنىڭ نام ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈش، مەخپىيەتلىكىگە دەخلى – تەرۇز قىلىش، شەھۋانىي دەخلى–تەرۇز قىلىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، قاتتىق جازالىنىدۇ.

  ئامېرىكا 2010–يىلىدىن باشلاپ «ئىجتىمائىي ئالاقىلىشىش ئاخبارات ئىقتىدارى» تۈرىنى يولغا قويۇپ، «facebook»، «Twitter» قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى ۋە مەشھۇر بىلوگ، جامائەت پىكىرچىلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ نورمال نازارىتىگە ئالغان. يېقىندا ئامېرىكا «تور سالاھىيىتى بەلگىسى ئىستراتېگىيەسى»نى يولغا قويۇپ، كېيىنكى ئەۋلاد تورى ئارقىلىق تورنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەۋھۇم جەمئىيەتتىكى ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش، قاقتى-سوقتى قىلىش، ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئالدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە