باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ئۆزىگە كۆڭۈلسىزلىك تېپىۋالماسلىقى كېرەك(1)

2013.07.19 08:19        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ھۆكۈمىتى دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىنى سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق مۇۋاپىق ھەل قىلىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. ئەمما ياپونىيە پوزىتسىيەسىنى توغرىلاپ، جۇڭگوغا قارشى ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك.

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو 17-ئىيۇل قوشنا دۆلەتنىڭ زېمىنىنى تەمە قىلىدىغان، رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەقىقىي قىياپىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.

  ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئابى شىنزو دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، «دياۋيۈ ئارىلى مەيلى تارىختا بولسۇن، ۋە مەيلى خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە بولسۇن، ئەزەلدىن ياپونىيەنىڭ زېمىنى»، «بىز ئارالدىن ۋاز كەچمەيمىز» دەپ ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلىغان.

  دياۋيۈ ئارىلى ھەمدە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاراللار ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى، ئۇنىڭ دېڭىز ۋە ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى جۇڭگوغا مەنسۇپ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى دياۋيۈ ئارىلىنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. جۇڭخۇا مىللەتلىرى خالىغانچە بوزەك بولىدىغان دەۋر ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتتى. جۇڭگو زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىنى داۋاملىق زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ قەتئىي قوغداشقا تامامەن قادىر.

  دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە تارىخ ئاق-قارىنى ئېنىق ئايرىپ بېرىدۇ، ئابى شىنزو ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلاۋەرمەسلىكى كېرەك.

  1895-يىلى جياۋۇ ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياپونىيە كابېنتى مەخپىي قارار ماقۇللاپ، دياۋيۈ ئارىلى قاتارلىق ئاراللارنى ئوكىناۋا ئۆلكىسىگە تەۋە قىلغان. شۇ يىلى، 17-ئاپرېل، جۇڭگو ياپونىيە بىلەن «ماگۇەن شەرتنامىسى» دىن ئىبارەت تەڭسىز شەرتنامىنى ئىمزالاپ، پۈتۈن تەيۋەن ئارىلى ھەمدە ئۇنىڭغا قاراشلىق بارلىق ئاراللارنى، جۈملىدىن دياۋيۈ ئارىلىنى ياپونىيەگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، دياۋيۈ ئارىلى جۇڭگو قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن. ھالبۇكى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە دياۋيۈ ئارىلىنى قانۇنسىز ھالدا ئۆزىگە تەۋە قىلىپ، جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا يەنە بىر قېتىم دەخلى-تەرۇز قىلغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل