باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ياپونىيە ئۆزىگە كۆڭۈلسىزلىك تېپىۋالماسلىقى كېرەك(2)

2013.07.19 08:19        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زېمىننىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ يادروسى ۋە ئۇل تېشى. «قاھىرە خىتابنامىسى» ۋە «بوستۇن ئاخباراتى» نىڭ بەلگىلىمىسى ۋە روھىغا ئاساسەن، دياۋيۈ ئارىلى ھەمدە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى جۇڭگوغا تەۋە، بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت. «دياۋيۈ ئارىلى خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە ئەزەلدىن ياپونىيەنىڭ زېمىنى» دېگەنلەر ئاساسسىز. ياپونىيەنىڭ دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدىكى قىلمىش-ئەتمىشلىرى دۇنيا فاشزمىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئاشكارا ئىنكار قىلغانلىق، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپكە ئېغىر ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىق، بۇ مەسىلە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ھەتتا دۇنيانىڭ يۈكسەك ھۇشيارلىقىنى قوزغىدى.

  يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ياپونىيە رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم: ياپونىيەنىڭ سۆزلىشىش دەرۋازىسى ئەزەلدىن ئوچۇق، ئەمما جۇڭگو سۆزلىشىشكە ئالدىنقى شەرت قويۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇۋالدى، ياپونىيە بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ، دېدى. ئابى شىنزونىڭ بۇ قېتىم دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسى ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى دۇنيا ئەھلى كۆرۈپ تۇرۇپتۇ، ياپونىيە سىياسىيونلىرىنىڭ سۆزلىشىمىز دېگەنلىرى ۋىۋىسكىلا خالاس، ئۇنىڭ كەينىگە جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا قارا سۈرتۈشتەك يامان غەرىزى يۇشۇرۇنغان. ياپونىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر مەسىلىگە يۈزلىنىشنى خالىمايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئەستايىدىل سۆھبەتلىشىش ۋە كېڭىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئېغىر قىيىنچىلىققا پېتىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى.

  ياپونىيە دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيە بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى قارشىلىشىش تەپەككۇرىنى ئاشكارىلىدى. ياپونىيە دۇنيا ئېقىمىغا زىت ھەرىكەت قىلىپ، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، يوقىلاڭ ھەربىي تەھدىتنى داۋراڭ قىلماقتا، ئۇنىڭ مەقسىتى جىدىيچىلىك پەيدا قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى راۋاجلاندۇرۇشى، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشىغا باھانە ئىزدەش. قارشىلىشىش تەپەككۇرى شەك-شۈبھىسىزكى، ياپونىيەنى رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىدىكى زور تەھدىتكە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

  جۇڭگو دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىنى ئەزەلدىن سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. ياپونىيە پوزىتسىيىسىنى توغرىلاپ، جۇڭگوغا قارشى ئىشلارنى قىلماي، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىدىكى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى، ئۆزئارا ئىشىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ھېسسىياتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. خام خىيالغا بېرىلىپ، تارىخ ۋە رېئاللىققا پىسەنت قىلمىغاندا، ياپونىيەنىڭ كېلەچەكىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل