باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئورگانلارنىڭ «ئۈچنى بېكىتىش لايىھەسى» ئېلان قىلىندى، «ئۈچنى بېكىتىش لايىھەسى» دېگەن نېمە؟

2013.07.18 11:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئورگانلارنىڭ «ئۈچنى بېكىتىش لايىھەسى» ئېلان قىلىندى، «ئۈچنى بېكىتىش لايىھەسى» دېگەن نېمە؟

  5-ئاينىڭ 15-كۈنى، «دۆلەت تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ ئاساسىي فونكسىيەسى، ئىچكى ئاپپاراتلىرى ۋە خادىم ئىشتاتى ھەققىدىكى بەلگىلىمە» ئېلان قىلىندى، «بەلگىلىمە»دە: دۆلەت تۆمۈريول ئىدارىسى مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك ئورۇن ئىكەنلىكى، 7 ئىچكى ئاپپاراتى تەسىس قىلىنىدىغانلىقى بېكىتىلدى. 14 تۈرلۈك فونكسىيەسى بىكار قىلىندى.

  5-ئاينىڭ 15-كۈنى، دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىك-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ «ئۈچنى بېكىتىش لايىھەسى» ئېلان قىلىنىپ، دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىك-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك ئىدارە ئىكەنلىكى، 17 ئىچكى ئاپپاراتى تەسىس قىلىنغانلىقى بېكىتىلدى. 11 تۈرلۈك فونكسىيە بىكار قىلىندى ياكى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى.

  6-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ «ئۈچنى بېكىتىش لايىھەسى» ئېلان قىلىنىپ، دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك ئورۇن ئىكەنلىكى، بىر مۇدىر، تۆت مۇئاۋىن مۇدىر قويۇلىدىغانلىقى، 21 ئىچكى ئاپپاراتى تەسىس قىلىنىدىغانلىقى، ئورگان مەمۇرىي ئىشتاتى 545 نەپەر بولىدىغانلىقى بېكىتىلدى. 10 تۈرلۈك فۇكسىيەسى بىكار قىلىندى ياكى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى.

  6-ئاينىڭ 19-كۈنى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ «ئۈچنى بېكىتىش لايىھەسى» ئېلان قىلىنىپ، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك ئىدارە ئىكەنلىكى بېكىتىلدى. 12 تۈرلۈك فۇنكسىيەسىنىڭ بىكار قىلىندى.

  7-ئاينىڭ 9-كۈنى، دۆلەت دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسىنىڭ «ئاساسىي فۇنكسىيەسى، ئىچكى ئاپپاراتلىرى ۋە خادىم ئىشتاتىنى بەلگىلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» ئېلان قىلىنىپ، قايتا تەشكىللەنگەن دۆلەت دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسىدا 11 ئىچكى ئاپپارات تەسىس قىلىنىدىغانلىقى، خادىم ئىشتاتىنىڭ 372 بولىدىغانلىقى، بىر ئىدارە باشلىقى، تۆت مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى قويۇلىدىغانلىقى بېكىتىلدى. 6 تۈرلۈك مەمۇرىي فونكسىيەسى بىكار قىلىندى.

  7-ئاينىڭ 17-كۈنى، دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ «ئۈچنى بېكىتىش لايىھەسى» ئېلان قىلىندى.

  «ئۈچنى بېكىتىش لايىھەسى» ئاپپارات، ئىشتات ۋە فونكسىيەنى بېكىتىش لايىھەسىنى كۆرسىتىدۇ. ھۆكۈمەت ئورگىنى تەسىس قىلغاندا، ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى، قانداق ئىچكى ئاپپاراتلىرى بارلىقى، ئىچكى ئاپپاراتلىرىنىڭ فونكسىيەسى، قانچە خادىم ئىشتاتى بولىدىغانلىقى ۋە رەھبەرلەرنىڭ سانى قاتارلىقلارنى ئېنىق بېكىتىش كېرەك. «ئۈچنى بېكىتىش» ‐‐ ھۆكۈمەت ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئالاقىدار خىزمەتلەرگە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىشتات كومىتېتى مەسئۇل بولىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە