باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇسسۇل بايرىمىدىكى تۇنجى چەت ئەل ئۇسسۇل ئۆمىكى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى

2013.07.19 13:28         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  17-ئىيۇل ، 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمىغا قاتنىشىدىغان تۇنجى چەت ئەل ئۇسسۇل ئۆمىكى — تۈركىيە خەلقئارا ئوپېرا ۋە بالېت ئۇسسۇل ئۆمىكى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. ئىگىلىنىشىچە، ئۇسسۇل بايرىمىغا قاتنىشىدىغان باشقا چەت ئەل ئۆمەكلىرىمۇ مۇشۇ ئىككى كۈن ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدىكەن.

  تۈركىيە دۆلەتلىك ئوپېرا ۋە بالېت ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا ھازىرقى زامان بالېت ئوپېراسى «ئەتىرگۈل باغچىسى» نى ئورۇندايدىكەن. «ئەتىرگۈل باغچىسى» تۈركىيەنىڭ ئەئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن زامانىۋى مەدەنىيىتى يۇغۇرۇلغان ھازىرقى زامان ئۇسسۇل ئەسىرى بولۇپ ، تۈركىيە ئۇسسۇل ساھەسىدە بىر قەدەر چوڭ تەسىرگە ئىگە . بۇ ئوپېرا 24-ئىيۇل ۋە 25-ئىيۇل كۈنلىرى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا قويۇلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2013-يىلى جۇڭگو . تۈركىيە مەدەنىيەت يىلى بولغاچقا ، بۇ ئويۇن 2013-يىللىق جۇڭگو . تۈركىيە مەدەنىيەت يىلىدىكى مۇھىم مەزمۇن بولۇپ قالىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل