15-ئىيۇلدىن 19-ئىيۇلغىچە قەشقەر، قىزىلسۇ ئۈرۈمچى رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا فوتو ـ سۈرەت بايرىمى بۈگۈن ئاياقلاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى بىلەن «خەلق» رەسىملىك گېزىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بۇ بايرامغا دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن 50 نەپەر داڭلىق فوتوگراف قاتناشتى. سۈرەتتە: بايرام ئەھلى مەكىت ناھىيەسىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان «دولان يۇرتى» سەيلىگاھىدا دولان مۇقامچىلىرى ئورۇندىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك دولان مۇقاملىرىنى سۈرەتكە ئالماقتا. (شىنجاڭ ئىتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى؛ فوتوسى)