باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، ئۇزاق ئەمىنلىكنى كۈچەيتىشتە ئىلغارلىقنى نامايان قىلىشى كېرەك

2013.07.17 14:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ھەر قايسى ساھە، كەسىپ، سەپلەردىن تاللانغان. ئۇلار ئامما ئارىسىدا ياشاپ، ئامما بىلەن ناھايىتى قويۇق ئالاقە ئورناتقان بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى مۇھىم كۆۋرۈك، خەلق مەنپەئەتىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرى، مۇھىم سىياسىي كۈچ.

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، ئۇزاق ئەمىنلىكنى كۈچەيتىشتە ئىلغارلىقنى نامايان قىلىشى، ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى ئۇلاردىن سىياسىي جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى پارتىيەنىڭ مەقسەت – مۇددىئاسىنى دۆلەتنىڭ، خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. پارتىيەمىزنىڭ ئىلغارلىقى پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، تۈپ مەقسىتى، كۈرەش نىشانى، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسىتى، تەشكىلىي پىرىنسىپى، پارتىيەنىڭ ئىنتىزامى، ئىستىلى جەھەتلەردە گەۋدىلىنىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلغارلىقى پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ئۇزاق ئەمىنلىكنى كۈچەيتىشتە ئىلغارلىقنى مۇنۇ جەھەتلەردە نامايان قىلىشى كېرەك.

  1.خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىدىيە، سىياسىي جەھەتتە ئىلغارلىقنى نامايان قىلىشى كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، پىروگراممىسى، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى، دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىنى پۇختا ئىگىلىشى، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئۆگىنىشكە، سىياسىيغا، توغرا كەيپىياتقا ئەھمىيەت بېرىشى، ھازىرقى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەتتە چوقۇم ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە بىردەكلىكنى ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى قەتئىي ئېغىشماي ئېگىز كۆتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى قوغدىشى كېرەك.

  2. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پارتىيە سىياسىتىنىڭ ۋە دۆلەت قانۇن – تۈزۈملىرىنىڭ تەشۋىقاتچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىرىنچى سەپكە، ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، تەشۋىقات ۋە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىتتىپاقلىقنى، قانۇن – تۈزۈمنى تەكىتلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ بۆلگۈنچىلىك جىنايى قىلمىشىنى، زوراۋان تېررورچىلارنىڭ ئەپت – بەشىرىسىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ ۋە خەلقى ئالەمگە تونۇتۇپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئاممىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»كە بولغان نەپرىتىنى، پارتىيە – ھۆكۈمەتكە بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقىنى يۈكسەك دەرىجىدە قوزغاپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، ئۇزاق ئەمىنلىكنى ساقلاشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تونۇتۇشى؛ ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، قالايمىقانچىلىقنىڭ ئاپەت ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا، ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلەشكە يېتەكلىشى كېرەك.

  3.«خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى» دېگەن نام ئۇلۇغ، شەرەپلىك. بۇ نامغا ئېرىشكۈچىلەر ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھىمايە قىلىپ، دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق كۆرسىتىشى، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشىنىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. شۇڭا، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئالدىن كۆرەلەيدىغان، تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، توغرا بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشى، قىسقىسى ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى قوغداشتا ھەقىقىي باشلامچىلاردىن بولۇشى كېرەك.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە