باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پايتەخت ئايرودۇرۇمىدىكى پارتلاشتا باشقا ئۆلۈش-يارىلىنىش كۆرۈلمىدى

2013.07.22 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ پايتەخت ئايرودۇرۇمى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ھۆكۈمەت مىكروبلوگى «بېيجىڭ جاكارى»دىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 18دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە، بىر مېيىپ ئادەم (جۇڭگولۇق) پايتەخت ئايرودۇرۇمىنىڭ 3-بىناسىدىكى كۈتۈۋېلىش زالىنىڭ B ئېغىزى ئالدىدا، ئۆزى ياسىغان پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى پارتلىتىپ ئۆزىنى يارىلاندۇرغان بولۇپ، ھازىر قۇتقۇزۇلۇۋېتىپتۇ. پارتلاشتا ئەتراپتىكى كىشىلەردە ئۆلۈش-يارىلىنىش كۆرۈلمەپتۇ. ج خ تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ.

  20-چېسلا سائەت 20دە، پايتەخت ئايرودۇرۇمىنىڭ 3-بىناسىدىكى كۈتۈۋېلىش زالىنىڭ B ئېغىزى قامال قىلىنىپ، ئايرودۇرۇمغا كىرىپ چىقىدىغان يولۇچىلارغا باشقا يول ئېچىپ بېرىلدى.

  بۇ ئەرنىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خېزې ناھىيەلىك جى جۇڭشىڭ ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. تۈنۈگۈن، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى جىنايەت گۇماندارى جى جۇڭشىڭنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇشنى رەسمىي قارار قىلدى. (بەي تيەنلياڭ، يۈ رۇڭخۇا، ۋېي ۋېي خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار