باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ چېكىنى ئۇزارتىشنى ئويلاشمىدى

2013.07.22 10:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 20-ئىيۇل يېقىندىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يىل چېكىنى ئۇزارتىشنىڭ جەمئىيەتتىكى مۇنازىرىسى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: دۆلەت نۆۋەتتە تېخى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يىل چېكىنى ئۇزارتىش شۇنداقلا قىسمەن جايلاردىمۇ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يىل چېكىنى ئۇزارتىشنى ئويلاشمىدى.

  2006-يىلى 29-ئىيۇن 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-سانلىق يىغىنىدا تۈزىتىپ ماقۇللانغان «مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى»دا، ئېلىمىز توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ «مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى» ئېلان قىلىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەجبۇرىيەت مائارىپىدا تارىخىي، ھالقىما تەرەققىيات قولغا كەلتۈرۈلۈپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بارلىق مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ھەقىقىي مەنىدىكى ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن بەھرىمەن بولدى. لېكىن، ئېلىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋاقتى قىسقا، ئاساسى يەنىلا بىر قەدەر ئاجىز، رايون، شەھەر-يېزا، مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق يەنىلا بىر قەدەر گەۋدىلىك. تەرەققىي قىلىۋاتقان نوپۇسى كۆپ دۆلەت بولغان جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى يەنىلا چەكلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىلىدىغان ئىشلار يەنىلا كۆپ، ھازىرقى باسقۇچتا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يىل چېكىنى ئۇزارتىش شارائىتى يەنىلا تولۇق ئەمەس.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە