باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن ئادالەتچىلەر پارتىيىسى كېڭەش پالاتاسىدا يېرىمدىن كۆپرەك ئورۇننى ئىگىلىدى، ياپونىيەنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ

2013.07.22 17:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 22-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە يىگىرمە ئۈچىنچى نۆۋەتلىك كېڭەش پالاتاسىنىڭ سايلام نەتىجىسى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلىنغان، خەۋەر ئېلان قىلىنغىچە، بۇ قېتىم قايتىدىن سايلانغان 121 ئورۇن ئىچىدە باش ۋەزىر شىنزو ئابى رەھبەرلىكىدىكى دېموكراتلار پارتىيىسى 64 ئورۇنغا ئېرىشكەن، ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر ئىتتىپاقى بولغان ئادالەتچىلەر پارتىيىسى 10 ئورۇنغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىلمەيدىغان 59 ئورۇننى قوشقاندا، دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن ئادالەتچىلەر پارتىيىسىدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە كېڭەش پالاتاسىدا جەمئىي 133 ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، «مۇقىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش» ئېھتىياجى بولغان 129 ئورۇندىن ئېشىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاۋام پالاتاسىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىلەن ئۆكتىچى پارتىيە چاڭگىلىدا تۇتۇپ تۇرغان 6 يىلغا سوزۇلغان «بۇرمىلانغان پارلامېنت»قا خاتىمە بېرىلدى.

  مۇلاھىزىدە، ياپونىيە ھاكىمىيەتچىلەر ئىتتىپاقى كېڭەش پالاتاسىدا ئۇتۇپ چىققاندىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ كەلگۈسى، بولۇپمۇ ئابى ھاكىمىيەت تۇتقاندا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ قانۇن ئۆزگەرتەمدۇ-يوق، مۇداپىئە جەھەتتە تېخىمۇ تەلۋىلەرچە سىياسەت يۈرگۈزەمدۇ-يوق، ياپونىيەنىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى قانداق بولىدۇ دېگەندەك مەسىلىلەر تېخىمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، دېيىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار