باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

زامانىۋى مەدەنىيەت شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم

2013.07.22 15:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ چۈنشيەن سەي ۋۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 20 – ئىيۇل كەچتە ئۈرۈمچىدە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ پەخرىي مۇدىرى سەي ۋۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلۈشى مەركەزدىكى كومىتېت، مىنىستىرلىقلار، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ۋە سەنئەتكارلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىۋاتقانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. يېقىنقى ئىككى يىلدا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بولسۇن ياكى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى جەھەتتە بولسۇن، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئورنى دەلىللەندى. 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىغا ئېتىبار بېرىشتىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەتتىن بەھىرىلىنىش تەلىپى ۋە يېڭى ئۈمىدىنى ھېس قىلغىلى، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى قىزغىنلىقى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ دۆلەت چېگراسى بولمايدۇ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، مەدەنىيەت ئورتاق تىل، شۇنداقلا ئورتاق بەھرىلىنىش ئۆلچىمى، ئورتاق ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە ئورتاق دوستلۇق ئەلچىسىدۇر.

  سەي ۋۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى خەلقئارا مەدەنىيەت ئالاقىسى ئىشلىرىدا بىرلىكتە ياراتقان كۇرسلۇق ماركا. بۇ بايرام شىنجاڭدىكى كۆپ مىللەتنىڭ شانلىق مەدەنىيەت – سەنئىتى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىش جەريانىدىكى مەدەنىيەت – سەنئىتىنىڭ گۈللىنىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇسسۇل بايرىمىنى سۇپا قىلىپ، غەربىي ئاسىيا، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت – سەنئەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. (يەن رۇڭ، مايگۈل ئايتغازى خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە