باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا مەخپىيەتلىك سوت مەھكىمىسى ئاخبارات ئورگىنىنىڭ تېلېفون ئالاقىسىنى داۋاملىق تىڭشىسا بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم جەزىملەشتۈردى

2013.07.22 18:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 22-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات باش نازارەت ئىشخانىسى شۇ يەر ۋاقتى 18-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ چەتئەل ئاخباراتىنى مەخپىي نازارەت قىلىش سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى يۈزلىگەن، مىڭلىغان تېلېفون خاتىرىلىرىنى داۋاملىق توپلىشىغا يول قويغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ بۇ ھوقۇقىنى يەنە بىر قېتىم جەزىملەشتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

  خەۋەردە، بۇ تۈرنىڭ ئامېرىكا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مەخپىي تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ توختاملىق خادىمى سىنوۋدېن تەرىپىدىن پاش قىلىنغان، دېيىلگەن. مەخپىي نازارەت قىلىش تۈرى بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ ئىزچىل قاتتىق تەكشۈرۈلۈۋاتقانىكەن، ئەينى ۋاقىتتا سىنوۋدېن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېلېفون ئاڭلاشتىن ئىبارەت ھېچ كىشى بىلمەيدىغان خەۋەرنى ئاشكارىلىغان.

  ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى پارلامېنت ئەزالىرى بۇ مەخپىي كۆزىتىش تۈرىنىڭ ۋاقىت چېكىدىن غەم قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ تۈرنىڭ مۇددىتى توشۇپ، تەكشۈرىدىغان چاغدا، پارلامېنتنىڭ بۇ تۈرگە يەنە بىر قېتىم قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بەرمەسلىك تەكلىپىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار