«ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى» شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى فوتوسۈرەت ئەسەرلىرى بىرلەشمە كۆرگەزمىسى 20-ئىيۇل ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۈزەل سەنئەت سارىيىدا باشلاندى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمى تەشكىلىي كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ لياڭ، مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جاڭ زىكاڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە كاتتا مەدەنىيەت زىياپىتى، شۇنداقلا ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇسسۇل بايراملىرىنىڭ ئالبومى.