كىرۇن سىرتتا رەسىم سىزماقتا
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيەلىك 10 ياشلىق ئوغۇل بالا كىرۇن ۋېليامسون رەسىم سىزىشتا ناھايىتى تالانتلىق بولۇپ، كىچىك مونېت دەپ نام ئالغان. ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغانلار كېچىلەپ ئۆچرەت تۇرۇپ ئۇنىڭ رەسىملىرىدىن ھوزۇرلىنىشنى كۈتىدۇ. ئۇ سىزغان رەسىملەر ناھايىتى تېزلا سېتىلىپ تۈگەيدۇ. بۇ بالا رەسىم سېتىپ تاپقان ئومۇمىي كىرىمى 1 مىليون 500 مىڭ پوند ستېرلىڭ (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 14 مىليون 60 مىڭ يۈەن) غا يېتىپ قاپتۇ.
مەنبە: خەلق تورى