باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

12 ياشلىق ئافغانىستانلىق قىز ئېرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق خورلانغان

2013.07.23 15:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستانلىق 12 ياشلىق قىز ساخا گور ئېرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى تەرىپىدىن خورلۇق، زوراۋانلىققا ئۇچرىغان ئەمما ئېرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن، بۇ ئىش ئافغانىستان ئاممىسى ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان، بۇنىڭ بىلەن ئۆسمۈرلەرنىڭ نىكاھلىنىش ئەھۋالى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

  گور 12 ياش ۋاقتىدا يېشى چوڭ ئەرگە ياتلىق قىلىنغان، ئۇ ئېرىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىشى بىلەنلا ئېرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ خورلىشىغا ئۇچرىغان. 2012-يىلى ساقچىلار ئۇنىڭ يەر ئاستى گەمە ئۆيگە نەزەربەند قىلىنىپ قويۇلغانلىقىنى، پۈتۈن بەدىنىنىڭ ھەممىلا يېرىنىڭ كۈيۈك داغلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى، چاچلىرىنىڭمۇ يۇلۇنغانلىقىنى، تىرناقلىرىنىڭمۇ قېينانىسى تەرىپىدىن يۇلۇۋېتىلگەنلىكىنى بايقىغان. ھازىر ئۇ گەرچە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما دىل يارىسى تېخى ساقايغىنى يوق. 9-ئىيۇل، بۇ قىزنىڭ ئېرى ۋە ئائىلىسىدىكىلىرى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن، گۆدەك قىزنىڭ جېنى بىلەن ئويناشقان بۇ ئىش جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەۋرىنىش پەيدا قىلغان. نۆۋەتتە ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىلاشقان بولۇپ، ئۇلار شۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدە گۆدەك قىزلارنىڭ بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقچى ئىكەن.

  گۆدەك بالىلارنىڭ خورلۇققا ئۇچراش ۋەقەسى ئافغانىستاندىكى ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئۇلار ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغاندىن سىرت يەنە ئۆسمۈرلەرنى نىكاھلاش ئادىتى ئاياللارنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق سۆكتى.

  ئامېرىكا نوپۇس تەتقىقات ئورگىنى دۇنيادا ھەر يىلى تەخمىنەن 14 مىليون ئايالنىڭ 18 ياشتىن بۇرۇن توي قىلىدىغانلىقى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە 15 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان قىزلارنىڭ ئاساسلىق ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبىنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىش شۇنداقلا ئەگەشمە كېسەللىكلەر ئىكەنلىكىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ چىققان. خەلقئارا ئاياللار تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۇجەننى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەگەر ئۆسمۈرلەرنى نىكاھلاش نىسبىتىنى 10 پىرسەنت تۆۋەنلەتكىلى بولسا، 70 پىرسەنت ئايالنىڭ قازا قىلىش نىسبىتىنى بىۋاسىتە ئازايتقىلى بولغان بولاتتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە بېرىپ، ئۆسمۈرلەرنىڭ نىكاھلىنىش تۈزۈمى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان قىزلارنى قوغدىغان، شۇنداقلا ئۆسمۈرلەرنىڭ نىكاھلىنىش تۈزۈمىنىڭ ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ داھىيسى ماندىلا 2011-يىلى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قۇرۇپ، ئەيدىز كېسىلى ۋە نامراتلىققا قارشى تۇرغاندىن باشقا يەنە ئۆسمۈرلەرنىڭ نىكاھلىنىشىنى چەكلەپ كەلگەن. نۆۋەتتە، پۈتۈن دۇنيا بويىچە 200 گە يېقىن غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتى نارەسىدە قىزلارنى قوغداش ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ نىكاھلىنىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە