باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى

شىنجاڭ بىلەن ئەزەربەيجان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق بۆسۈش ئېغىزى ئىزدىمەكتە

2013.07.11 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ-ئەزەربەيجان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق كېلىشىمى خىزمەت گۇرۇپىسىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق ئەھۋالىنى تەھلىل قىلدى. ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىستىقبالىنى مۇزاكىرە قىلدى، ھەمدە خېمىيە سانائىتى، يېزا ئىگىلىكى، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەرنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ چوڭقۇرلاپ ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇشتا پىكىر بىرلىكىگە كەلدى.

  يىغىندىن كېيىنكى خاتېرىگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد-سودا، سانائەت ۋە ئېنېرگىيە مەنبەسى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، يېزا ئىگىلىكى، قاتناش- ترانسپورت قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ كۆلەملىك، چوڭقۇر ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ قۇرۇلمىسىنى يارىتىشقا قوشۇلدى، ھەمدە نۇرغۇنلىغان كونكرېت تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەسىلەن، ئىقتىساد-سودا ساھەسى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش جەھەتتە، ئىككى تەرەپ سۆھبەت يىغىنى، ئىقتىساد-سودا ئىشلىرى مۇنبىرى ۋە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى قاتارلىقلار شەكىللەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق كارخانىلار ئارىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ سانائەت ۋە ئېنېرگىيە مەنبەسى ساھەسىدە، سانائەت ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن سرت، يېمەكلىك ۋە يېنىك سانائەتتىكى ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە بىرلىكتە ئىزدىنىش، ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى كارخانىلىرىنىڭ 3يىلدىن 5 يىلغىچە بىرلىكتە تەرەققىي قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش؛ مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقتا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايرىمىغا ئۆزئارا تەكلىپ قىلىش پۇرسىتى ئارقىلىق، ئىككى تەرەپنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىش؛ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە، ئىككى تەرەپ سۇنى تېجەپ سۇغۇرۇش، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سورت يېتىشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردە قويۇق ئالاقىلىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش؛ قاتناش-ترانسپورت ساھەسىدە، ئىككى تەرەپ بىردەك كېلىشىپ، «قاتناش ساھەسىدە ھەمكارلىشىش ئەسلەتمىسى» ئىمزالاش، ھەمدە چېگرىدىن ئۆتىدىغان تۆمۈر يول ئارقىلىق مال توشۇش، خەلق ئاۋىئاتسىيە قاتنىشى تەرەپتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار