7-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، مۇخبىر مىنچۈەن بازىرىنىڭ يۇڭگۇاڭ كەنتى ۋە يۇڭشىڭ كەنتىگە كېلىپ، بۇ ئىككى كەنتتە 20 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىگىلىدى.
لەنجۇ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە ج خ ئوت مۇداپىئە قىسىمىدىكى مىڭدىن ئارتۇق ئوفىتسېر ئەسكەر قۇتقۇزۇشقا قاتناشتى. ئۇلار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن تاكى يېرىم كېچىگە ئىزدەپ، ھازىرغا قەدەر 9 جەسەتنى تاپتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پەن يۇڭچياڭ فوتوسى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)