باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گەنسۇ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 123 مىڭ ئادەم ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ ، 89 ئادەم قازا قىلدى

2013.07.23 13:58         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپەت يۈز بەرگەن جاينىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ ، يوللار بۇزۇلۇپ كەتكەچكە ، يارىلانغانلار تىك ئۇچار بىلەن توشۇلماقتا

  گەنسۇ ئۆلكىلىك يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە ، مىڭشەن ناھىيەسى بىلەن جاڭشەن ناھىيەسى چېگرىسىدا يۈز بەرگەن 6.6 بال يەر تەۋرەشتە ، دىڭشى ، لۇڭنەن ، تيەنشۈي ، بەييىن ، لىنشيا ، گەننەن قاتارلىق ئالتە شەھەر–ئوبلاستتىكى 22 ناھىيە ، 204 يېزا-بازاردا ھازىرغىچە جەمئىي 123 مىڭ ئادەم ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ ، 89 ئادەم قازا قىلغان ، بەش ئادەم يوقاپ كەتكەن ، 800 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان ، 31 مىڭ 600 ئامما بىخەتەر جايغا يۆتكەلگەن .

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، 22–ئىيۇل سائەت 18:00 گىچە ، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ مىڭشەن ناھىيەسى بىلەن جاڭشەن ناھىيەسى چېگرىسىدا 6.6 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن ، 422 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن ، ئۇنىڭ ئىچىدە يەتتە قېتىم 3.0 بالدىن كۈچلۈك يەر تەۋرىگەن . نۆۋەتتە ئاپەت ئەھۋالى تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ .

  ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن ، گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى ئازادلىق ئارمىيە ، قوراللىق ساقچى قىسىم ، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئوفىتسىر-ئەسكەرلىرى ۋە يەرلىكتىكى كادىر–ئاممىدىن 3000 غا يېقىن ئادەم ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە