باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا پۇقرالىرى نەچچە 10 شەھەردە نامايىش قىلىپ، نېگىر ياشنى ئۆلتۈرگەن ساقچىنى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى

2013.07.23 14:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 19-ئىيۇل، ئامېرىكا ۋاشىنگتون، ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىك ساقچى چىرماننىڭ نېگىر ياش مادىڭنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىگە سوت ئېچىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تۇنجى قېتىم ئاشكارا ھالدا بۇ ئىشقا پىكىر بايان قىلغان، ئۇ مادىڭ بولسا ئۆزىنىڭ 35 يىل بۇرۇنقى كارتنىسى بولۇپ، ئۆزىنىڭمۇ ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىك نېگىر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوخشاشلا جەمئىيەتنىڭ ئايرىمىچىلىق قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئوباما يەنە دۆلەتنىڭ بۇ ئىشقا قارىتا چارە قوللىنىپ ئامېرىكىلىقلارنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى قايتا ئويلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پۇقرالىرى نەچچە 10 شەھەردە بۇ ئىشقا قارىتا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، نېگىر ياش مادىڭنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئاق تەنلىك ساقچى چىرماننىڭ گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

  ئىجتىمائىي رايون قوغدىغۇچىسى چىرمان ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا 17 ياشلىق نېگىر ياش مادىڭنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن، بۇ دېلو سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرى سوت تەرەپ چىرماننى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بەرگەن. بۇ دېلو ئامېرىكا دائىرىسى ئىچىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ھەمدە جەمئىيەتنىڭ قورال كونترول قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇنازىرىسىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

  مادىڭنىڭ ئاپىسىنىڭ نيۇيوركتىكى يىغىلىشتا دېيىشىچە، ئۇ ئۆزى باش بولۇپ كۈچ چىقىرىپ، تىنچلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانۇننى ئۆزگەرتىشنى مۇراجىئەت قىلغان. نارازىلىق پائالىيىتىگە ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى ئامېرىكا دۆلەتلىك تورى تەشكىلاتى بىلەن بۇ ئىشقا قاتناشقۇچى شاپۇدۈن مەسئۇل بولغان.

  چىكاگو، مىچىگان، مىئامى ۋە نيۇيورك قاتارلىق شەھەرلەردە نەچچە مىڭ ئامما شۇ يەردىكى فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ بىناسىغا ئالدىغا يىغىلىشقان. شاپۇدۈن نيۇيوركنىڭ مانخاتتاندىكى نامايىشچىلارغا: «بىز قانۇننى ئۆزگەرتىشنى ھەمدە يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

  بۇنىڭغا قارىتا نېگىر جەي بىلەن ئايالى بېننى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نامايىش پائالىيىتىنى ئويلىشىپ كۆرۈشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما: «بۇ دېلو ئامېرىكىلىقلارنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈشكە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى» دەپ كۆرسەتكەن.

  ئوبامانىڭ ئېيتىشىچە، نېگىر ياش مادىڭنىڭ بىگۇناھ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى بولسا ئامېرىكا نېگىرلىرىنىڭ يەنىلا ئېرقىي كەمسىتىشىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

  ئوباما سوتتىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئىپادە بىلدۈرۈپ: «35 يىلنىڭ ئالدىدا، مەنمۇ مادىڭ بىلەن ئوخشاش ئىدىم» دەپ كۆرسەتكەن.

  ئوبامانىڭ ئېيتىشىچە، ئافرىقا پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلار بۇ ئىشتىن ناھايىتى ئازابلانغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ «ئادەمنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىشى قىيىن بولغان تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى» بار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە