باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئىناق جۇڭگو، رەڭدار دۇنيا»
3-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمى داغدۇغىلىق باشلاندى (1)

2013.07.22 09:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ چۈنشيەن ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى

  مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمى 20-ئىيۇل كەچ شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق باشلاندى. ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 6 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ پەخرىي مۇدىرى سەي ۋۇ سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، 3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ پەخرىي مۇدىرى نۇر بەكرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايون ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ رەھبەرلىرىدىن نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا يەنە مەركەزنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېت، ئىشخانىلىرى ۋە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەر، رايونلارنىڭ رەھبەرلىرى، جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار ۋە سەنئەتكارلار قاتناشتى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل