قۇرۇلغىنىغا 10 يىل بولغان، خەلقىمىز ئارىسىدا «مىللىي ئەنئەنىنىڭ يېڭى ئەسىردىكى جۇلاسى» دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان شىنجاڭ ئىلچى كىيىم –كېچەك مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 21 –ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ياشلىرىنىڭ مودا كىيىم –كېچەك ماركىسى بولغان “seresiya” ماركىسىنى يېڭىدىن بازارغا سېلىپ، بۇ كىيىم –كېچەك كۆرگەزمىسى ئارقىلىق، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، مىللىي كىيىم –كېچەك مەدەنىيتىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى.
شىنجاڭ ئىلچى كىيم –كېچەك مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ۋە تۈركىيە سەرسىيا سودا چەكلىك شىركىتى بىلەن ئورتاق قويغان تاۋار ماركىسى «seresiya» نىڭ ئەسلى نامى «seres» بولۇپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قەدىمكى جۇڭگونى ئاتاش سۆزى يەنى يىپەك دۆلىتى دېگەن مەنىدە ئىكەن.