باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما ئامېرىكىدىكى ئىرقىي مەسىلىنى ھەسرەت بىلەن بايان قىلىپ «ترايۋون مارتىن دەل 35 يىل بۇرۇنقى مەن بولۇشى مۇمكىن» دېدى

2013.07.22 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  19-ئىيۇل، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئاقساراينىڭ خەۋەرلەندۈرۈش ئىشخانىسىدا پەيدا بولدى. ئوباما 17 مىنۇتلۇق كەسكىن نۇتقىدا ترايۋون مارتىن دېلوسى ۋە ئامېرىكىدىكى ئىرقىي مەسىلىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ بايان قىلدى. بۇ ئافرىقىلىق نەسلىدىن بولغان تۇنجى ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئىرقىي مەسىلە توغرىسىدا تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق ئۇزۇن، كەڭ، چوڭقۇر ھالدا ئاشكارا پىكىر بايان قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  ترايۋون مارتىننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ياردەمچى ساقچى زىممېرمەنگە گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئوباما بۇ دېلونىڭ ھۆكۈمىگە قارىتا دەل ۋاقتىدا ئۆز ھېسسىياتىنى بىلدۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر ساھەنىڭ ھۆكۈم نەتىجىسىگە سوغۇققان مۇئامىلە قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. شۇندىن كېيىنكى بىرنەچچە كۈندە، ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېتىراز بىلدۈرۈپ كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ئۈزۈلمەي يۈز بەردى، ئافرىقىلىق نەسلىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلار قۇرغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ باشلىقلىرىمۇ توختىماستىن ئاقسارايغا تېلېفون ئۇرۇپ، ئوبامانىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. بېسىم داۋاملىق چوڭىيىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئوباما 18-چېسلا كەچتە مەسلىھەتچىلىرىنى يىغىپ، بۇ ئىش توغرىسىدا كېڭەشتى، ئاخىرىدا سۈكۈتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاقساراينىڭ خەۋەرلەندۈرۈش ئىشخانىسىدا نۇتۇق سۆزلەش شەكلىدە مەيدانىنى ئىپادىلەشنى قارار قىلدى، بۇ ئارقىلىق مەملىكەت بويىچە تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەشتىن كېلىپ چىقىش مۇمكىنچىلىكى بولغان سىياسىي ماجىرادىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى، شۇنداقلا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دۇچ كېلىدىغان سوئال-سوراقلاردىن قۇتۇلدى.(خەلق گېزىتىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ۋېن شيەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار