باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ھۆكۈمەت زور پايدىنى قويۇۋەتمەكچى، 2015-يىلى ئۇچۇر ئىستېمالى 3 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ

2013.07.15 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12-چېسلا گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇچۇر ئىستېمالىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۈنۈملۈك ئىچكى ئېھتىياجغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. سىياسەت نىشانىغا ئاساسلانغاندا، 12-بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ ئاخىرقى ئۈچ يىلىدا، ئېلىمىزنىڭ ئۇچۇر ئىستېمالىنىڭ كۆلىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 نەچچە پىرسەنت ئاشۇرۇلىدىكەن. نوپۇزلۇق ئورۇنلارنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 2015-يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىزنىڭ ئۇچۇر ئىستېمال كۆلىمى 3 تىرىليون 200 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئېلىمىزنىڭ ئۇچۇر كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇچۇر ئىستېمالىنىڭ ئەڭ زور پايدىسى بولۇپ قالىدىكەن.

  بىزنىڭچە، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە چوڭ-چوڭ سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۇچۇر ئىستىمالىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئېھتىياجغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، بۇ ‐‐ ھازىر ئۈچۈنمۇ، ئۇزاق كەلگۈسى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق، شۇنداقلا كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقىمۇ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشى ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكىمۇ پايدىلىق. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل