باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگىلىيە سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى خېمىيەلىك قورالدىن قوغدىنىش يۈرۈشلۈك قوراللىرى بىلەن تەمىنلىمەكچى

2013.07.17 17:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رىيۇتېر ئاگېنتلىقى ھەپتىنىڭ 2-كۈنى ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ۋېلىيام.خاگىنىڭ گېپىنى مىسال كەلتۈرۈپ، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى سۈرىيە ئۆكتىچى كۈچلەر ۋە ئىنقىلابىي كۈچلىرى مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىنى خېمىيەلىك قوراللاردىن قوغدىنىش يۈرۈشلۈك قوراللىرى بىلەن تەملەشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. لوندون سۈرىيە ئۆكتىچى كۈچلىرىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكى «ئىنتايىن جىددىي» مەسىلە دەپ قارايدىكەن. رىيۇتېر ئاگېنتلىقى قولغا چۈشۈرگەن ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېلىيام.خاگىنىڭ پارلامېنتقا سۇنغان بىر پارچە خېتىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىدا سۈرىيە تەرەپ 8-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن بۇرۇن 5000 تال نىقاب، زەھەرلىك ماددىلارنىڭ زەھىرىنى پارچىلىغۇچى دورا ۋە زەھەرلىك بۇيۇملارنى كۆرسەتكۈچكە ئېرىشىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

  خاگىنىڭ خېتىدە سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلارغا سارىن زەھەرلىك گازىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرخىل ماددىلارنى ئىشلەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بىر بۆلۈك غەرب ئەللىرى يەنىلا سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خەلقئارا ئەھدىنامىدە چەكلەنگەن خېمىيەلىك قوراللار بىلەن قوراللىق ئۇنسۇرلارغا زەربە بەرگەن دېگەن گېپىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. دەمەشىق ھۆكۈمىتى بۇ ئەيىبلەشلەرنى ئىزچىل ئىنكار قىلدى. روسىيە مۇتەخەسىسلىرى 7-ئاينىڭ بېشىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، قوراللىق ئۇنسۇرلار كونتروللۇقىدىكى جايلاردا خېمىيەلىك قوراللارئىشلەپ چىقىرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىسپات بارلىقىنى ئېيتقان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار