باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تاللىشى

گۇ لىيەن

2013.07.17 14:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تېررورلۇق جىنايىتى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. تېررورلۇق جىنايىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە يامرىشى بىگۇناھ ئاممىنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە، مال – مۈلكىنى زىيانغا ئۇچرىتىپلا قالماي، بەلكى جەمئىيەتنىڭ تىنچ – ئامانلىقىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. يېقىندا، زوراۋان تېررورچىلار ئاپتونوم رايونىمىزدا زوراۋان تېررورلۇق قىلمىشىنى ئۇدا سادىر قىلىپ، بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈردى، ئۇلارنىڭ قوللانغان ۋاسىتىسىنىڭ قەبىھلىكى كىشىنى چۆچىتىدۇ، بۇنىڭغا ھەر مىللەت خەلقى ھەرگىز يول قويمايدۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەۋرەنمەس تاللىشىغا ئايلاندى.

  تېررورلۇق جىنايىتى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. مەيلى «23 – ئاپرېل» ۋەقەسى ياكى «26 – ئىيۇن» ۋەقەسى بولسۇن ۋە ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە بولسۇن، ھەر بىر تېررورلۇق ۋەقەلىرىدە بىگۇناھ ئادەملەر ئۆلۈپ – يارىلاندى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئېغىر ئازاب ئېلىپ كەلدى. زوراۋان تېررورچىلار قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە ئەيمەنمەستىن خىرىس قىلىپ، باشقىلارنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى دەپسەندە قىلدى ھەم قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن بىگۇناھ ئامما، ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئۆلتۈردى، بۇ تىپىك تېررورلۇق جىنايەت قىلمىشىدۇر. بۇنداق تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر دۆلەت كۈچلۈك زەربە بېرىپ، ئۇنى جازالاپ كەلدى. بۇنداق تېررورلۇق قىلمىشى بىگۇناھ ئاممىنىڭ ھاياتىغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزدى، بۇنداق ھاياتلىق ھوقۇقى ھەر قايسى دۆلەت ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرىدا پۇقرالارنىڭ قوغدىلىدىغان تۈپ ئىنسانىي ھوقۇقىدۇر، بۇ ھەرگىزمۇ مىللىي مەسىلە، دىنى مەسىلە ئەمەس. زوراۋان تېررورچىلار ھە دىسىلا ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۈپ ئىنسانى ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىپ، شىنجاڭدا كىشىنى چۆچىتىدىغان زوراۋان تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلماقتا، بۇنىڭغا ئېلىمىز قانۇنى، ھۆكۈمىتىمىز يول قويمايدۇ، ھەر مىللەت ئاممىسىمۇ قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  تېررورلۇق جىنايىتى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، مەملىكىتىمىزدىكى قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ياردىمىدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى تېزلىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، كىرىمى ئاشتى. ئەمما، زوراۋان تېررورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ توختىماي كۆرۈلۇپ تۇرۇشى بىزنىڭ زېھنىمىز، ماددى ۋە مالىيە كۈچىمىزنى خوراتماقتا، ھەر قېتىم يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كەينىگە چېكىندۈرمەكتە. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما تىنچ تۇرمۇشقا، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشقا موھتاج. ئەمما زوراۋان تېررورچىلارنىڭ تېررورلۇق قىلمىشلىرى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بۇ گۈزەل ئارزۇسىنى بەربات قىلماقتا، پەرزەنتلەر ئاتا – ئانىسىدىن، ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلماقتا، نۇرغۇن بىگۇناھ پۇقرا ئائىلە شاتلىقىدىن مەھرۇم بولۇپ، ئازاب دېڭىزىغا غەرق بولماقتا. بۇنداق قىلمىش يەنە مىللىي ئارازلىق پەيدا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا! شۇڭا، بىز شىنجاڭنىڭ ئىناق – مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، تېررورلۇق جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىشىمىز كېرەك، بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەۋرەنمەس تاللىشى.

  تېررورلۇق جىنايىتى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزمەكتە. 2011 – يىل 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئېلان قىلىنغان «جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئاق تاشلىق كىتاب»تا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، زېمىن پۈتۈنلىكى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، ئېلىمىز ئاساسىي قانۇنىدا تۇرغۇزۇلغان دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا ئاساسىي جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش ئېلىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلدى. تېررورلۇق جىنايىتى تېررورلۇق قىلمىشىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلغان. تېررورچىلار ھەتتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بىگۇناھلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك ۋەھىمە پەيدا قىلىشقا ئىنتىلىدۇ. ئۇلار جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەتكە قارشى تۇرۇش ۋاسىتىسى قىلىپ، جەمئىيەت ئەزالىرى ئارىسىدا ئېغىر ئەندىشە پەيدا قىلىپ، مۇشۇنداق ۋەھىمىلىك ھالەتتە ئاممىنى ۋە ھۆكۈمەتنى ئۆز ئىرادىسىگە بويسۇندۇرۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزلىرىنىڭ سىياسى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش غەرىزىدە بولىدۇ. زوراۋان تېررورچىلارنىڭ دۆلەتنى پارچىلاپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش يامان غەرىزى بىزگە بەش قولدەك ئايان.

  مۇقىملىق شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيىتى، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە كاپالىتى، 22 مىليون ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى. مەركەز ۋە شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىشى ۋە ياردىمىدە شىنجاڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. بىز «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن بولغان كۈرەشنىڭ بۆلگۈنچىلىككە، تېررورچىلارغا قارشى كۈرەش ئىكەنلىكى، بۇ كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، مۈشكۈل ئىكەنلىكى، بەزىدە ھەتتا ئۆتكۈرلىشىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، بىخەتەرلىكىگە، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغانلىغىنى ھەر ۋاقىت سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەك. 20 نەچچە يىل مابەينىدە «ئۈچ خىل كۈچ» چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قوللىشى ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى بىلەن، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ رېئاللىقى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن ھېسابلاشماي، تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى توختىماي سادىر قىلىپ، ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە زور زىيان، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ يەتكۈزدى. بۇنىڭدىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ. «زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن – تۈزۈمگە، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش»تە چىڭ تۇرۇپ، زوراۋان تېررورلۇق جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن دۆلەت قانۇنىنىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت ھۆرمىتىنى، ھاياتنى ۋە گۈزەل يۇرت – ماكاننى قوغداش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەۋرەنمەس تاللىشىدۇر.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە