باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى: جۇڭگودىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنىڭ مۈشكۈللۈكىنى ھەرقانداق دۆلەت بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ

2013.07.17 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يىن ۋېيمىن 16-چېسلا بېيجىڭدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئەمگەك كۈچى كۆپ، ئەمگەك كۈچى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ بېسىمى بىلەن قۇرۇلمىلىق زىددىيەت تەڭ مەۋجۇت، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنىڭ مۈشكۈللۈكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى ھەرقانداق دۆلەت بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.

  شۇ كۈنى، يىن ۋېيمىن بىرنەچچە مىنىستىرلىق، كومىتېتلار بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىقات-تەربىيە چاتما دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ 2-مەيدان دوكلات يىغىنىدا «ئەۋزەل ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

  بۇ يىل جۇڭگودا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ سانى 6 مىليون 990 مىڭغا يېتىپ، ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو «ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ تەس بولغان بىر يىل»نى كۈتۈۋالدى، ھالبۇكى، كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 7 مىليون ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ھەر يىلى ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىغا يېڭىدىن كىرىدىغان ئەمگەك كۈچىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ.

  باشقا بىر سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، 2020-يىلىغا بارغاندا، جۇڭگودا 20 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلار 831 مىليونغا يېتىدىكەن. بۇ كەلگۈسى بىر مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ يەنىلا ئىشقا ئورۇنلىدىغانلار كۆپىيىشتىن كېلىدىغان بېسىمىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  جۇڭگونىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىنى قانداق يېنىكلىتىشكە قارىتا، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، ئەۋزەل ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىستراتېگىيەسى ۋە تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسەتلىرىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىش ئورۇنلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارى ۋە كەسىپ ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىمىز لازىم، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن-نىزام، سىياسەتلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئادىل ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى يارىتىشىمىز كېرەك. (جيا تيەنيۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە