باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى ئاپتونوم رايونىمىزدا نۆۋەتچى ئايروپىلاندىن 2504 نى كۆپەيتىدۇ

2013.07.17 16:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىنجاڭدىكى توشۇش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدىكەن، ئىيۇلدىن سېنتەبىرگىچە شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 شۆبە شىركەت شىنجاڭغا ئۇچىدىغان 78 لىنىيەنى ئېچىپ، 2504 نۆۋەتچى ئايروپىلاننى كۆپەيتىدىكەن.

  ئوقۇشىمچە، كۆپەيتىلگەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئاساسلىقى شىنجاڭدىن مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي قىسمىغا قاتنايدىغان ئاۋات لىنىيەلەرگە سېلىنىدىكەن، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق غول ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىگە ئاساسلىقى B777، A330 تىپلىق، 257 – 374 ئورۇندۇقلۇق چوڭ تىپتىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلار قاتنايدىكەن. ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا قاتنايدىغان لىنىيەدە يولۇچى بېسىق مەزگىلدە كۈنىگە سەككىز نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە B777 تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۈچ نۆۋەت، A330 تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئىككى نۆۋەت ئۇچىدىكەن. شاڭخەي، گۇاڭجۇغا قاتنايدىغان لىنىيەگە كۈنىگە بەش نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈرۈمچىدىن چېڭدۇغا قاتنايدىغان كېچىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋە نەنجىڭغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاندىن بىرى كۆپەيتىلىدىكەن؛ 20 – ئىيۇلدىن باشلاپ ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدىن خاڭجۇغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاندىن بىرى كۆپەيتىلىدىكەن.

  ئۈرۈمچىدىن شەرقىي قىسىمغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلاردىن باشقا يەنە قاناس، نارات، قەشقەر قاتارلىق نۇقتىلىق ساياھەت رايونلىرىغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارمۇ كۆپەيتىلىدىكەن. ئۈرۈمچىدىن قاناسقا كۈنىگە يەتتە نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىكەن؛ ناراتقا بەش نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىكەن؛ قەشقەرگە كۈندە يەتتە نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىكەن. (يۈەن لېي خەۋەرىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە