باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى 1-تۈركۈمدە قانات يايدۇرىدىغان ئالاقە نۇقتىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى

2013.07.17 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي بىيۇرونىڭ دائىمىي ئەزالىرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

  1. ئۆگىنىش ۋە تەربىيەنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

  2. پائالىيەتنى ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرگەن ھالدا قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  3. «تۆت ئىستىل» مەسىلىسىنى مەركەزلىك ھەل قىلىش كېرەك.

  4. ئىستىل تۈزىتىش روھى بويىچە تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇش لازىم.

  5. ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىمىي ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركەزنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى 1-تۈركۈمدە قانات يايدۇرىدىغان ئالاقە نۇقتىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئەھۋال ئىگىلىدى ۋە تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى باشلاشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

  7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىسىگە بېرىپ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشقا ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالاقە نۇقتىسىغا، يەنى لى كېچياڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىغا، جاڭ دېجياڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىگە، يۈ جېڭشېڭ گەنسۇ ئۆلكىسىگە، ليۇ يۈنشەن جېجياڭ ئۆلكىسىگە، ۋاڭ چىشەن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىگە، جاڭ گاۋلى سىچۇەن ئۆلكىسىگە باردى. سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يېزا-كەنتلەرگە، شەھەر مەھەللىلىرىگە، كارخانا ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن ئىگىلىدى. ئۇلار يەنە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئامما، ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار سۆھبەت يىغىنلىرىنى ئېچىپ، ئالاقە نۇقتىسى قىلىنغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە مەركەز مۇپەتتىشلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ئالاقە نۇقتىسى قىلىنغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قانات يايدۇرۇشىغا بولغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل