باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

توردا قايتا ئارزۇ تولدۇرۇشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ

ئەكبەر ئىسمائىل

2013.07.17 16:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدا، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنماي قالغان ئوقۇغۇچىلارنى تىل ئايرىمىسى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ھەرقايسى تۈركۈملەر بويىچە بەش قېتىم توردا قايتا ئارزۇ تولدۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ، قايتا ئارزۇ تولدۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (www.xjzs.edu.cn)دا قايتا ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ. تۇنجى قېتىملىق توردا قايتا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 17 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 6 دىن 18 – ئىيۇل سائەت 10غىچە بولىدۇ.

  16 – ئىيۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىمچە، ئالدىنقى يىللاردىكى توردا قايتا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمەتلىرىدە ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا – ئانىلار بەزى نۇقتىلارغا دىققەت قىلمىغاچقا، خىزمەت جەريانىدا قىسمەن ئاۋارىچىلىكلەر كۆرۈلگەن، شۇڭا ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا – ئانىلار توردا قايتا ئارزۇ تولدۇرۇشتا تۆۋەندىكىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەككەن.

  توردا قايتا ئارزۇ تولدۇرۇشتىن ئىلگىرى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان – قىلىنمىغانلىقىڭىزنى تەكشۈرۈڭ. ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ بولغان ئوقۇغۇچىلار توردا قايتا ئارزۇ تولدۇرۇشقا قاتناشمايدۇ، ئارزۇ تولدۇرسىمۇ ئارخىپ چىقارغىلى بولمايدۇ. شۇڭا توردا قايتا ئارزۇ تولدۇرۇشتىن ئىلگىرى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدا قوبۇل قىلىنىش ئۇچۇرىڭىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ.

  توردا قايتا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتىغا دىققەت قىلىڭ. بۇ يىللىق توردا قايتا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىلگەن قوللانمىدا بار. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى ھەر قېتىملىق قايتا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى ۋە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى ۋە سىنا (sina) مىكرو بىلوگىدا ئۆز ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ.

  توردا قايتا ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى تەلەپلەرنى ئوبدان چۈشىنىڭ. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى مۇناسىپ تۈركۈملەردىكى ئورۇندالمىغان پىلان ئەھۋالىنى ئېلان قىلغاندا، قايتا ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى ئالاقىدار تەلەپلەرنى قوشۇپ ئېلان قىلىدۇ. بۇ تەلەپلەرنى ئەستايىدىل كۆرۈش ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى قىسمەن كەسىپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىگە يەتكەن ئوقۇغۇچىلار ئاز بولسا، نومۇر چېكى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىلىشى ياكى بەزى ئالىي مەكتەپلەر پەقەت مەلۇم كەسىپلەرگىلا تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ۋاكالەت نومۇرى بىلەن تەكشۈرۈپ تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان كەسىپلەر توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى، ئوقۇش ھەققى ۋە باشقا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئەتراپلىق چۈشىنىڭ. بۇ يىل توردا قايتا ئارزۇ تولدۇرۇشتا ئالتە ئالىي مەكتەپنى، ھەر ئالىي مەكتەپتە ئۈچ كەسىپنى تاللاش شەكلى قوللىنىلىدۇ ۋە تەڭداش ئارزۇ شەكلىدە ئارخىپ چىقىرىلىدۇ.

  توردا قايتا ئارزۇ تولدۇرۇش تەرتىپى بىلەن ئوبدان تونۇشۇڭ. توردا قايتا ئارزۇ تولدۇرۇش تەرتىپى دەسلەپتىكى توردا ئارزۇ تولدۇرۇش تەرتىپى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئاۋۋال شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىنىڭ ‹‹ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئارزۇ تولدۇرۇش كۆزنىكى››گە كىرىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرىڭىز، كىملىك نومۇرىڭىز، شىفىرىڭىز(شىفىرنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى باشقۇرغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ، دەسلەپكى شىفىر ھالىتىگە قايتۇرۇڭ) بىلەن ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسىغا چىقىسىز، ئاندىن ‹‹ئارزۇ تولدۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش›› كۆزنىكىگە كىرىپ، سول تەرەپ ئىستوندىن مۇناسىپ تۈركۈمنى تاللاپ ئارزۇ تولدۇرسىڭىز بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە