باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ، تەدبىرنى ئىلمىي ئاساستا بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

2013.07.17 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 16-چېسلا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ كۆز قارىشى ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

  يىغىندا، تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى نۆۋەتتىكى ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى، ماشىنىسازلىق، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئېنېرگىيە تېجەش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق كەسىپلەردىكى كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت ئەھۋالى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە تەكلىپلەرنى ئىنكاس قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قاراشتى: نۆۋەتتە ئېلىمىز ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلدى، لېكىن يەنە بىر قىسىم قىيىنچلىق ۋە خەتەرلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.

  كۆپچىلىك پىكىر بايان قىلغاندىن كېيىن، لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ھەم نۇرغۇن پايدىلىق شارائىت بار، ھەم كۆپ يىللاردىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىنىڭ مۈشكۈل بولۇشى ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى «ئىككى قىيىنچىلىق» مەسىلىسىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشتا، ئەقىل-پاراسەت ۋە جاسارەت كېرەك، يېڭى كۆزىتىش نۇقتىسى ۋە يېڭى پىكىر يولى ئارقىلىق تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى توغرا تونۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئەمەلىي ئىش قىلىش، مۇقىملىق ئاساسىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنى ياخشى ئىگىلەپ ۋە تەتبىقلاپ، تەدبىرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىنى ساقلىشىمىز لازىم. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل